TSK

TSK · ماركۇس 14:8

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

پادىشاھ داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ ئى بۇرادەرلىرىم ۋە خەلقىم، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار: كۆڭلۈمدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر ئارامگاھ، خۇدايىمىزنىڭ تەختىپەرىسى بولىدىغان بىر ئۆي سېلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى ھەمدە ئۇنى سېلىشقا تەييارلىقمۇ كۆرۈپ قويغانىدىم.

ھەزەكىيا پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدا شۇنداق قىلدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ياخشى، دۇرۇس ۋە ھەق بولغاننى قىلدى.

كۈچۈڭنى كۆرسىتىدىغان كۈندە، ئۆز خەلقىڭ خالىس قۇربانلىق كەبى پىدا بولىدۇ؛ مۇقەددەس ھەيۋىتىڭدە، شۇ ياشلىق دەۋرىڭدىكىدەك، ساڭا ھازىرمۇ شەبنەملەر سەھەرنىڭ بالىياتقۇسىدىن يېڭى چىققاندەك چۈشىدۇ؛

ۋە ئۇنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كاناپ بىلەن كېپەنلەپ، قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان، ھېچكىم قويۇلمىغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر بېرىپ ئەيسا بىلەن بىللە كرېستلەنگەن بىرىنچى ئاندىن ئىككىنچى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چاقتى.

چۈنكى [خەير-ساخاۋەتكە] بەل باغلىغۇچىغا نىسبەتەن، سوۋغىنىڭ خۇداغا يارىغۇدەك بولۇشى قولىدا يوققا ئەمەس، بەلكى قولىدا بارىغا باغلىقتۇر.