TSK

TSK · ماركۇس 2:12

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

بۇنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر قورقۇشۇپ، ئىنسانلارغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.

بارلىق خالايىق ھەيران بولۇشۇپ: ــ ئەجەبا، بۇ داۋۇتنىڭ ئوغلىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى.

خالايىق ھەممىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، ئۆزئارا غۇلغۇلا قىلىشىپ: ــ بۇ قانداق ئىش؟ يېڭى بىر تەلىمغۇ! چۈنكى ئۇ ھوقۇق بىلەن ھەتتا ناپاك روھلارغىمۇ بۇيرۇق قىلالايدىكەن، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، ــ دېيىشتى.

ھەممەيلەننى قورقۇنچ بېسىپ، ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلاپ: ــ «ئارىمىزدا ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزۇلدى!» ۋە «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!» ــ دېيىشتى.  

ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى.

دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىرەرسىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس.