TSK

TSK · ماركۇس 2:16

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇلار: «ئۆزۈڭ بىلەن بول، ماڭا يېقىنلاشقۇچى بولما؛ چۈنكى مەن سەندىن پاكمەن» ــ دەيدۇ؛ مۇشۇلار دىمىغىمغا كىرگەن ئىس-تۈتەك، كۈن بويى ئۆچمەي تۇرىدىغان ئوتتۇر!

لېكىن ئەگەر [قېرىندىشىڭ] ئۇلارنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى جامائەتكە يەتكۈزۈپ ئېيتقىن. ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار.  

لېكىن پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ: ــ بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرىدۇ! ــ دېيىشتى.

بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقنىڭ ھەممىسى: ئۇ گۇناھكار كىشىنىڭكىدە قونغىلى كىرىپ كەتتى! ــ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى.

بۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈلۈپ، پەرىسىي تەرەپدارى بولغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: ــ بىز بۇ ئادەمدىن ھېچقانداق ئەيىب تاپالمىدۇق! بىر روھ ياكى پەرىشتە ئۇنىڭغا سۆز قىلغان بولسا نېمە بوپتۇ! ــ دەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەشتى.

كۆڭلۈڭلەرنىڭ ھېرىپ سوۋۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە قاتتىق خورلاشلىرىغا بەرداشلىق بەرگۈچىنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلاڭلار.