TSK

TSK · ماركۇس 3:7

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نافتالى تاغلىق يۇرتىدىكى كەدەشنى، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى شەكەمنى ۋە يەھۇدانىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننى،

گالىلىيە، «ئون شەھەر» رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.

ئەمما ئەيسا بۇنى بىلىۋېلىپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى؛

شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ دۇئا قىلىشقا تاغقا چىقتى ۋە ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى.

لېكىن ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي ھالدا: ــ ئۇ گالىلىيەدىن تارتىپ تاكى بۇ يەرگىچە، پۈتكۈل يەھۇدىيەدىمۇ تەلىم بېرىش بىلەن خەلقنى قۇترىتىدۇ.

ئۇلار جاۋاب قىلىپ: ــ سەنمۇ گالىلىيەدىنمۇ؟ [مۇقەددەس يازمىلارنى] كۆر، قېتىرقىنىپ ئوقۇپ باق، گالىلىيەدىن ھېچقانداق پەيغەمبەر چىقمايدۇ! ــ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قەستلىدى.

قېرىنداشلار ھايال بولماي پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كېچىدە بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى.