شۇڭا مەن ئۈستۈڭلارغا، يەنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. قايتىپ يېنىمغا كېلىڭلار، بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن قەبىھلىك سىلەرگە قىلتاق بولمايدۇ.
TSK
TSK · ماركۇس 6:12
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار!
سىلەر بېرىپ [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، دېدى.
ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار!» ــ دەيدۇ».
مۇخلىسلار يولغا چىقىپ، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ھەممە يەردە كېسەللەرنى ساقايتتى.
مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر.
ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ئۈچۈن ھازىر توۋا قىلىپ يوللىرىڭلاردىن بۇرۇلۇڭلار! شۇنداق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى يېڭىلاندۇرىدىغان پەسىل-كۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېلىدۇ
يەھۇدىيلار ھەم گرېكلەرگىمۇ خۇدا ئالدىدا توۋا قىلىش ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ جېكىلىگەنلىكىم ھەممىڭلارغا مەلۇم.
ئەمما ھازىر شادلىنىمەن ــ ئازابلانغىنىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى شۇ ئازابنىڭ سىلەرنى توۋا قىلدۇرغانلىقىدىن شادلىنىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئازابلىنىشىڭلار خۇدانىڭ يولىدا ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر بىزدىن ھېچ زىيان تارتمىدىڭلار.