TSK

TSK · ماركۇس 7:14

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئىلىياس بارلىق خەلققە يېقىن كېلىپ: ــ قاچانغىچە ئىككى پىكىر ئارىسىدا ئارىسالدى تۇرىسىلەر؟ ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار؛ بائال خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، دېدى. ئەمما خەلق ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي، ئۈن-تىن چىقارمىدى.

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئى بارلىق خەلقلەر، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار، قۇلاق سېلىڭلار!

گۆدەك بولغانلار، زېرەكلىكنى ئۆگىنىۋېلىڭلار، ئەخمەق بولغانلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىڭلار!

بۇ سۆزنى يەرەمىيا پەيغەمبەر يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ

شۇ چاغلاردا، مىڭلىغان كىشىلەر يىغىلىپ، بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك قىستا-قىستاڭ بولۇشۇپ كەتكەندە، ئۇ ئاۋۋال مۇخلىسلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار.   

ۋە بارلىق خالايىق قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتقاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ