ئارقىدىنلا، ئۇلار ئەن-مىشپاتقا (يەنى قادەشكە) يېنىپ كېلىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتكۈل يۇرتىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى؛ ھازازون-تاماردا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىمۇ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلدى.
TSK
TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 13:29
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، رەفايىيلار،
شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، شۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ياخشى ھەم كەڭ بىر زېمىنغا، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ بېرىشقا چۈشتۈم.
شۇ چاغدا ئامالەكلەر كېلىپ رەفىدىمدە ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى.
چۈنكى ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار ئۇ يۇرتتا، سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرىدۇ؛ سىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلۈپ كېتىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتىڭلار، پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولمايدۇ.
ئاندىن بالائام ئامالەكنى كۆرۈپ، مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: — «ئامالەك ئىدى ئەسلى ئەللەر ئارىسىدا باش، ئەمدى ھالاكەتتۇر تەقدىر-قىسمىتى».
بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بۇيرۇغاندەك ھىتتىيلار بىلەن ئامورىيلار، قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار بىلەن يەبۇسىيلارنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭلار كېرەك.
شۇنداق بولدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى بىلەن دېڭىزنىڭ يېنىدىكى قانائانىيلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللار ئۆتۈپ كەتكۈچە ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئىئوردان سۇلىرىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگىنىنى ئاڭلىغاندا، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، ئىسرائىللارنىڭ سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ روھى چىقاي دەپ قالدى.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار قانائانىيلار، يەنى ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار ئارىسىدا تۇردى؛
ئۇ زور جاسارەت كۆرسىتىپ ئامالەكلەرنى ئۇرۇپ ئىسرائىلنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزدى.
داۋۇت بولسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ گەشۇرىيلارغا، گەزرىيلەرگە ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ تۇراتتى (چۈنكى ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ شۇرىغا كىرىش يولىدىن تارتىپ مىسىر زېمىنىغىچە بولغان شۇ يۇرتتا تۇراتتى).
سەن ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزۈڭگە سادىق-ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ قانائانىيلارنىڭ، ھىتتىيلارنىڭ، ئامورىيلارنىڭ، پەرىززىيلەرنىڭ، يەبۇسىيلارنىڭ ۋە گىرگاشىيلارنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقدىم قىلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلدىڭ؛ سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭدىن، سۆزلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ.