TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 18:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئەمدى شۇنداق قىلىسىلەركى، چىققان ھوسۇلدىن بەشتىن بىرىنى پىرەۋنگە بېرىپ، قالغان تۆت قىسمىنى ئۆزۈڭلارغا ئېلىپ قېلىڭلار؛ ئۇ ئۇرۇقلۇق ھەمدە ئۆزۈڭلارغا، جۈملىدىن ئۆيۈڭدىكىلەرگە ۋە كىچىك بالىلىرىڭلارغا ئوزۇق بولسۇن، ــ دېدى.

يەر-زېمىندىن چىققان ھەممە ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە بولسا، يەرنىڭ دانلىق زىرائەتلىرى بولسۇن ياكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسى بولسۇن، پەرۋەردىگارنىڭكى بولىدۇ؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىنغاندۇر.

سەن لاۋىي قەبىلىسىنى ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى كاھىن ھارۇننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىل.

مانا، مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن تاللاپ چىقتىم؛ ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، سىلەرگە سوۋغا سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان.

سەن ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن، زەيتۇن مېيىدىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلىرىڭنى ياكى كالا-قوي پادىلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنى، ياكى قەسەمگە باغلىق ھەدىيەلىرىڭنى، ئىختىيارىي ھەدىيەلىرىڭنى ياكى قولۇڭدىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلىرىڭنى شەھەر-يېزىلىرىڭدا يېمەسلىكىڭ كېرەك؛

بۇ بۇيرۇق چىقىرىلىشى بىلەنلا، ئىسرائىللار ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئېلىنغان قىسمى ئاشلىق، يېڭى شاراب، [زەيتۇن] مېيى ۋە ھەسەللەرنى ھەمدە ئېتىزلىقتىن چىققان ھەرخىل مەھسۇلاتلارنىڭ ھوسۇللىرىدىن ئەكىلىشتى، يەنە ھەرخىل نەرسىلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە تۈركۈملەپ ئەكىلىشتى.

ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان مۆتىۋەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ: «ئۆزىمىزنى قارغىش قەسىمى بىلەن ئەھدىگە باغلاپ، خۇدانىڭ قۇلى مۇسا ئارقىلىق جاكارلىغان تەۋرات قانۇنىدا مېڭىپ، رەببىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى، ھۆكۈم-بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىمىز؛

شۇنىڭدەك، لاۋىيلار چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىن بولغان بىرسى ئۇلار بىلەن بىللە بولسۇن، لاۋىيلار ئەشۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ خۇدانىڭ ئۆيىگە، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىغا ساقلاشقا تاپشۇرسۇن دەپ بەلگىلىدۇق.

ئاندىن بارلىق يەھۇدىيە خەلقى ئاشلىق ئۆشرىسىنى، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيىنى خەزىنە-ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىپ تاپشۇردى.

خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىن تەلىم ئالغۇچى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن قىلسۇن.