TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 21:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇڭا «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى» دېگەن كىتابتا: — «سۇفاھدىكى ۋاھەب ۋە دەريا-ۋادىلىرى، ئارنون دەرياسى ۋە جىلغىلىرىنىڭ يانباغىرلىرى، ئارنىڭ تۇرالغۇسىغىچە يېتىپ، موئابنىڭ چېگرىسىغا چۈشىدۇ» دەپ پۈتۈلگەنىدى›.

[پەرۋەردىگار:] «ئەمدى ھازىر ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتۈڭلار» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ بىز زەرەد ئېقىنىدىن ئۆتتۇق.

ــ «ئەمدى ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىڭلار، سەپىرىڭلارغا چىقىڭلار؛ ئارنون دەرياسىدىن ئۆتۈڭلار؛ مانا، مەن ھەشبوننىڭ پادىشاھى ئامورىي سىھوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنىمۇ قولۇڭلارغا تاپشۇردۇم؛ ئىشنى باشلاڭلار، زېمىننى ئىگىلەشكە، ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار؛

ئۇۋىسىدىن چۇۋۇلۇپ پاتىپاراق بولۇپ كەتكەن قۇشلاردەك، موئاب قىزلىرى ئارنون دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىدە [ئالاقزادە] يۈرىدۇ.