ھاسىنى قولۇڭغا ئال، ئاندىن سەن ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا قورام تاشقا بۇيرۇق قىل؛ شۇنداق قىلساڭ قورام تاش ئۆز سۈيىنى چىقىرىدۇ؛ شۇ يول بىلەن سەن ئۇلارغا سۇ چىقىرىپ، جامائەت ۋە چارپايلىرى ئىچىدىغانغا سۇ بېرىسەن.
TSK
TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 21:16
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ــ شادلىق بىلەن سىلەر نىجاتلىق قۇدۇقلىرىدىن سۇ تارتىسىلەر.
بوزەكلەر ۋە يوقسۇللار سۇ ئىزدەيدۇ، لېكىن سۇ يوق؛ ئۇلارنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن قاغجىراپ كېتىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاڭلايمەن؛ مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇلاردىن ۋاز كەچمەيمەن.
ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسساپ كەتمەيدۇ؛ تومۇز ئىسسىقمۇ، قۇياش تەپتىمۇ ئۇلارنى ئۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارغا رەھىم قىلغۇچى ئۇلارنى يېتەكلەيدۇ، ئۇ ئۇلارغا بۇلاقلارنى بويلىتىپ يول باشلايدۇ.
ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، ــ دېدى.
ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئىش تامام بولدى! مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»دۇرمەن، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغان ھەركىمگە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز بېرىمەن.
روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ. ئاڭلىغۇچى: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغۇچى ھەركىم كەلسۇن، خالىغان ھەركىم ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.