TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 21:34

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

سىلەر پەقەت پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ زېمىنىدىكىلەردىن قورقماڭلار، چۈنكى ئۇلار بىزگە نىسبەتەن بىر غىزادۇر؛ ئۇلارنىڭ پاناھدارلىرى ئۇلاردىن كەتتى، پەرۋەردىگار بولسا بىز بىلەن بىللە؛ ئۇلاردىن قورقماڭلار، — دېدى.

لېكىن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ بىزنىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغۇسى يوق ئىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھ-قەلبىنى قاتتىق، كۆڭلىنى جاھىل قىلىۋەتكەن (بۈگۈنكى ئەھۋال دەرۋەقە شۇنداق).

پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى، ئۇنىڭ خەلقى ۋە زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛ ھەشبوندا تۇرغان ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى نېمە قىلغان بولسا، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىسەن» ــ دېدى.

ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «بۇ ئەللەر مەندىن كۈچلۈك؛ مەن قانداق قىلىپ ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلەيمەن؟» ــ دېسەڭ،

سەن ئۇلاردىن قورقماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدىدۇر؛ ئۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك بىر ئىلاھدۇر.

ئۇلارغا: ئەي ئىسرائىل، ئاڭلاڭلار! سىلەر بۈگۈن دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن سوقۇشۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. كۆڭۈللىرىڭلار جۈرئەتسىز بولمىسۇن؛ قورقماڭلار، تىترىمەڭلار، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار؛

ئۇ ۋاقىتتا سىلەر بۆكتۈرمىدىن قوپۇپ چىقىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ شەھەرنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ.

ئاندىن يەشۇئا ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار ۋە ھېچ ھودۇقماڭلار، قەيسەر ۋە غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر ھۇجۇم قىلغان بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق ئىشنى قىلىدۇ، ــ دېدى.

شۇڭا داۋۇت يەنە بىر قېتىم پەرۋەردىگاردىن سورىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كېئىلاھغا بارغىن؛ چۈنكى مەن فىلىستىيلەرنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، دېدى.

ئۇ ۋاقىتتا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ زور بىر توپ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ مانا، مەن بۇ كۈنى ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن»، دېدى.

لېكىن بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە كىچىك ئىش بولۇپ، ئۇ موئابنىمۇ سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارغا تاپشۇرىدۇ.

چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئوڭ قولۇڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ساڭا: ــ «قورقما، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» دەيمەن.