ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 10:1
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بالا ئەخمەق بولسا، ئاتا غەم-قايغۇغا پاتار؛ ھاماقەتنىڭ ئاتىسى خۇشاللىق كۆرمەس.
ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالايىقازادۇر؛ ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ زارلاشلىرى توختىماي تېمىپ چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىنغا ئوخشاشتۇر.
ھەققانىي بالىنىڭ ئاتىسى چوڭ خۇشاللىق تاپار؛ دانا ئوغۇلنى تاپقان ئاتىسى ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولار.
تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى؛ بۇلارنى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ خاتىرىلىگەن: ــ
تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار.
شۇنىڭدەك، ھېكمەت توپلىغۇچى دانا بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە خەلققە بىلىم ئۆگىتەتتى؛ ئۇ ئويلىنىپ، كۆپ پەند-نەسىھەتلەرنى تارازىغا سېلىپ، رەتلەپ چىقتى.