پۇلنى خەقلەرگە ئۆسۈمگە بەرمىسە، بىگۇناھلارنىڭ زىيىنىغا پارا ئالمىسا؛ كىمكى مۇشۇلارنى قىلسا، مەڭگۈگە تەۋرەنمەس.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 10:30
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر بولسا، زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛
بەرھەق، ئۇ ئەبەدىي تەۋرىتىلمەيدۇ؛ ھەققانىي ئادەم مەڭگۈگە ئەسلىنىدۇ.
چۈنكى دۇرۇس ئادەم زېمىندا ياشاپ قالالايدۇ، مۇكەممەل كىشى بۇ يەردە ماكانلىشالايدۇ.
يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛ لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر.
خەلقىم ئارىسىدىكى ئاياللارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق ئۆيلىرىدىن قوغلايسىلەر؛ ئۇلارنىڭ ياش بالىلىرىنى سىلەر مېنىڭ گۈزەل گۆھىرىمدىن مەڭگۈگە مەھرۇم قىلىسىلەر.
كىم بىزنى مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلىسۇن؟ جاپا-مۇشەققەتمۇ، دەرد-ئەلەممۇ، زىيانكەشلىكمۇ، ئاچارچىلىقمۇ، يالىڭاچلىقمۇ، خېيىم-خەتەرمۇ ياكى قىلىچمۇ؟