TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 13:25

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇلار ئاچارچىلىقتىن يېگىلەپ كېتىدۇ، تومۇز ئىسسىق ۋە ۋابانىڭ نەشتەرلىرى تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلارغا قارشى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ چىشلىرىنى، توپىدا ئۆمىلىگۈچىلەرنىڭ زەھىرىنى ئەۋەتىمەن.

پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛ لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار.

شۇڭا، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم يەيدۇ، سىلەر ئاچ قالىسىلەر؛ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم ئىچىدۇ، بىراق سىلەر ئۇسسۇز قالىسىلەر؛ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم شادلىنىدۇ، سىلەر شەرمەندىلىكتە قالىسىلەر؛

چۈنكى «بەدەننى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئازراق پايدىسى بار، لېكىن ئىخلاسمەنلىكتە ئىنتىلىشنىڭ ھەرتەرەپلىك پايدىسى بار؛ ئۇ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ»