TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 13:8

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

يېرۇسالېمنىڭ بارلىق ئاھالىسىنى، جۈملىدىن ھەممە ئەمەلدارلار، ھەممە باتۇر پالۋانلار، جەمئىي بولۇپ ئون مىڭ ئەسىرنى ۋە بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنىمۇ ئېلىپ كەتتى؛ يۇرتتىكى خەلقتىن ئەڭ نامراتلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى.

شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ ھەر ئادەم ئۆز جېنىنى دەپ تېرىسىنى بېرىشكىمۇ رازى بولىدۇ، ھەتتا ھەممە نېمىسىنىمۇ بېرىشكە تەيياردۇر؛

تۆلەم پۇلى بېرەي دېسەڭمۇ ئۇ قوبۇل قىلمايدۇ، ھەرقانچە سوۋغا-سالام بەرسەڭمۇ ئۇنى بېسىقتۇرغىلى بولمايدۇ.

ھالبۇكى، ئۇلار ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىشمائىلغا: «بىزنى ئۆلتۈرۈۋەتمە، چۈنكى دالادا بىزنىڭ يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن مېيى ۋە ھەسەل قاتارلىق ئوزۇق-تۈلۈكىمىز بار» ــ دېدى. شۇڭا ئۇ قولىنى يىغىپ، بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى.

چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!   

چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە قالدۇرۇلغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇشنىڭ [قۇللۇقىدىن] ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەرنىڭ تۆلىمى بىلەن بولغان ئەمەس،