پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛ ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 14:8
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مېنى يورۇتقايسەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتىمەن، شۇنداقلا پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىمەن.
مېھىر-مۇھەببىتىڭنى تاڭ سەھەردە ئاڭلاتقايسەن؛ چۈنكى تايانغىنىم سەن؛ مېڭىشىم كېرەك بولغان يولنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن؛ چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛
مەن ھەققانىيەت يولىغا ماڭىمەن؛ ئادالەت يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىمەنكى،
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئوي-پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار؛ يامانلارنىڭ نەسىھەتلىرى مەككارلىقتۇر.
چۈنكى مەڭگۈگە دانا كىشى ئەخمەقكە نىسبەتەن ھېچ ئارتۇق ئەسلەنمەيدۇ؛ چۈنكى كەلگۈسىدىكى كۈنلەردە ھەممە ئىش ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئەمدى دانا كىشى قانداق ئۆلىدۇ؟ ــ ئەخمەق كىشى بىلەن بىللە!
ئاندىن ئۆز-ئۆزۈمگە: «ئەي جېنىم، يىغىپ ساقلىغان، كۆپ يىل يەتكۈدەك نېمەتلىرىڭ بار، راھەت ئىچىدە يەپ-ئىچىپ خۇش بولغىن!» دەيدىغان بولىمەن» دەپ ئويلاپتۇ.
بۇ سەۋەبتىن نادان بولماڭلار، بەلكى رەبنىڭ ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگۈچى بولۇڭلار؛
لېكىن رەزىل ئادەملەر ۋە ئېزىتقۇ-كاززاپلار بەرىبىر باشقىلارنىمۇ ئالداپ، ئۆزىمۇ ئالدىنىپ، بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىدۇ.
ئاراڭلاردا كىم دانا ۋە پەملىك؟ پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشىدىن ئۇ دانالىققا خاس بولغان مۆمىن-كەمتەرلىك بىلەن ئەمەللىرىنى كۆرسەتسۇن!