TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 16:20

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن خىزمەتكارلىرىغا: ــ بۇ كىشىدەك، ئىچىدە خۇدانىڭ روھى بار يەنە بىرسىنى تاپالامدۇق؟! ــ دېدى.

ئوغۇلنىڭ غەزىپىنىڭ قوزغالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى سۆيۈڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قاينىسا، يولۇڭلاردىلا ھالاك بولىسىلەر؛ ئۇنىڭغا تايانغانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!  

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگارغا تايانغانلار زىئون تېغىدەكتۇر؛ ئۇنى تەۋرەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك تۇرىدۇ.

كىمكى مېنى تاپسا ھاياتنى تاپىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نېسىپ بولىدۇ.

ئاقىلانىلىك ئادەمنى ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرەر؛ بىراق تۇزكورلارنىڭ يولى ئەگرى-بۈگرى، جاپالىق بولار.

پەم-پاراسەتكە ئېرىشكۈچى ئۆزىگە كۆيۈنەر؛ نۇرنى ساقلىغان كىشىنىڭ بەختى بولار.

ئائىلە بولسا دانالىق ئاساسىدا بەرپا قىلىنار؛ چۈشىنىش بىلەن مۇستەھكەملىنەر.

ۋە شۇڭا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ، پەرۋەردىگار كۈتىدۇ؛ شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقارغۇچى خۇدادۇر؛ ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر!  

پادىشاھ ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ سۆزلەشتى؛ ياش يىگىتلەرنىڭ ھېچقايسىسى دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا يەتمىدى. شۇڭا بۇ تۆتەيلەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە قالدى.

بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئادەملىرىنى دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دانىيالنى ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭدىن قىلچە زېدە-زەخمەت تاپالمىدى؛ چۈنكى ئۇ خۇداسىغا تايانغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق؛