TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 16:31

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئاق باش كىشىنىڭ ئالدىدا ئورنۇڭدىن تۇر، قېرىلارنى ھۆرمەت قىلغىن؛ خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

شۇڭا داۋۇت پۈتكۈل جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئاھ پەرۋەردىگار، بوۋىمىز ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھەمدۇساناغا لايىقسەن.

ئۇ ماڭسا ماڭغان يولى پارقىرايدۇ؛ ئادەم [بۇژغۇنلارنى كۆرۈپ] چوڭقۇر دېڭىزنى ئاپئاق چاچلىق بوۋاي دەپ ئويلاپ قالىدۇ.

قېرىلارنىڭ نەۋرىلىرى ئۇلارنىڭ تاجىدۇر؛ پەرزەنتلەرنىڭ پەخرى ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىدۇر.

كەمبەغەل ئەمما ئاقىل يىگىت يەنە نەسىھەتنىڭ ئەتىۋارىنى قىلمايدىغان قېرى ئەخمەق پادىشاھتىن ياخشىدۇر؛

ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى.

لېكىن يەنىلا مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەنكى قېرى پاۋلۇس ھەمدە ھازىرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ مەھبۇسى بولۇش سۈپىتىدە ساڭا ئىلتىماس قىلىپ ئۆتۈنۈشنى لايىق كۆردۇم ــ