لېكىن ئەساۋ: ــ ئەي قېرىندىشىم، مەندە يېتىپ ئاشقۇدەك بار. سېنىڭ ئۆز نەرسىلىرىڭ ئۆزۈڭگە قالسۇن، دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 17:8
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭدەك ھېچقانداق پارا يېمە؛ چۈنكى پارا كۆزى ئوچۇقلارنى كور قىلىپ، ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ.
ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرگەن نەرسىلىرىنى قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭغا: ــ تىنچ-ئامان ئۆيۈڭگە بارغىن، مانا سۆزلىرىڭگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭلۈڭنى قوبۇل قىلدىم، دېدى.
ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن تارتىپ ئالدى.
ئى پەرۋەردىگار، ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلۇغلۇقۇڭنى نامايان قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ناخشا ئېيتىپ قۇدرىتىڭنى مەدھىيىلەيمىز.
چىرىك ئادەم يەڭ ئىچىدە پارىنى قوبۇل قىلار؛ ئۇ ئادالەتنىڭ يولىنى بۇرمىلار.
يوشۇرۇن سوۋغات غەزەپنى باسار؛ يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر-غەزەپنى پەسەيتەر.
چۈنكى سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلارنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن؛ ئۇلار ھەققانىي ئادەمنى ئېزىدۇ، ئۇلار پارا يەيدۇ، شەھەر دەرۋازىسىدا مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى قايرىۋالىدۇ.