TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 18:15

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ساڭا كۆرسەتمە بېرىپ ئۆگەتەلەيدىغان ئۇلار ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئۆز كۆڭلىدىكىنى ساڭا سۆزلىمەمدۇ؟

بۇلارغا قۇلاق سېلىشى بىلەن دانالار بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، يورۇتۇلغان كىشىلەر تېخىمۇ دانا مەسلىھەتكە ئېرىشىدۇ،

دانالىق ھەممە ئىشنىڭ بېشىدۇر؛ شۇڭا دانالىقنى ئالغىن؛ بارلىقىڭنى سەرپ قىلىپ بولساڭمۇ، ئەقىل تاپقىن.

دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛ لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار.

ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز سېتىۋەتمە. دانالىق، تەربىيە ۋە يورۇتۇلۇشنىمۇ ئال.

مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تىڭشىۋاتاتتى.

بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ.