كەمبەغەل دەۋا قىلسا، ئۇنىڭغا يان باسما.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 18:5
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ھېچ ناھەقلىق قىلماڭلار؛ نامراتقىمۇ يان باسماي، بايغىمۇ يۈز-خاتىرە قىلماي، بەلكى ئادىللىق بىلەن ئۆز قوشناڭ ئۈستىدىن توغرا ھۆكۈم قىلغىن.
ئادالەتنى بۇرمىلىساڭ بولمايدۇ؛ ئادەملەرگە يۈز-خاتىرە قىلساڭ بولمايدۇ؛ پارا ئالساڭ بولمايدۇ؛ پارا بولسا ئاقىلانىلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىدۇ ھەم ئادىللارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ.
سىلەر خۇدانىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بولۇۋېلىپ بىئادىل سۆز قىلامسىلەر؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىيلە-مىكىرلىك گەپ قىلماقچىمۇسىلەر؟
ــ قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر، قاچانغىچە رەزىللەرگە يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟ سېلاھ.
بۇلارمۇ ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىدۇر: ــ سوت قىلغاندا بىر تەرەپكە يان بېسىش قەتئىي بولماس.
يەنى پارا ئۈچۈن رەزىللەرنى ئاقلاپ، شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ ئادالىتىنى رەت قىلغۇچىلارغا ۋاي!
رەزىللىكنى پۇختا قىلىش ئۈچۈن، ئىككى قولى ئۇنىڭغا تەييارلانغان؛ ئەمىر «ئىنئام»نى سورايدۇ، سوراقچىمۇ شۇنداق؛ مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ئۇلار جەم بولۇپ رەزىللىكنى توقۇشماقتا.