TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 2:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

پەرۋەردىگار مېھرىبان ۋە دۇرۇستۇر؛ شۇڭا ئۇ گۇناھكارلارنى دۇرۇس يولغا سالىدۇ.

ــ «مەن سەن مېڭىشقا تېگىشلىك يولدا سېنى يېتەكلەيمەن ھەم تەربىيلەيمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۈستۈڭدە بولۇشى بىلەن ساڭا نەسىھەت قىلىمەن.

بۇ پەند-نەسىھەتلەر ساڭا ئەقىل-پاراسەت، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىتىپ، سېنى ئىبرەتلىك سۆزلەرنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ؛

ھەمجەمەت-نىجاتكارىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۆزۈڭگە پايدا بولسۇن دەپ ساڭا ئۆگەتكۈچى، ساڭا تېگىشلىك بولغان يولدا سېنى يېتەكلىگۈچى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛

تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ بولۇپ، يولى كەڭتاشا ۋە داغدامدۇر، ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغانلار كۆپتۇر.