TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 21:16

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇلار قويلاردەك تەھتىساراغا ياتقۇزۇلىدۇ؛ ئۆلۈم ئۇلارنى ئۆز ئوزۇقى قىلىدۇ؛ ئەتىسى سەھەردە دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى چىرىتىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ؛ تەھتىسارا بولسا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ماكانىدۇر!

ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يول ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر، ئۇنىڭ ماڭىدىغان يوللىرى ئادەمنى ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلايدۇ.

بۇنداق ئايال نۇرغۇن كىشىلەرنى يىقىتىپ يارىلاندۇرغان، ئۇنىڭ بوغۇزلىغان ئادەملىرى تولىمۇ كۆپتۇر،

ئاقىلانىلەر بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار؛ بىراق ئەخمەقلەرگە ھەمراھ بولغان نالە-پەريادتا قالار.

پەرۋەردىگاردىن تەزگەنلەرنى، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن يول سورىمىغانلارنىمۇ ئۈزۈپ تاشلايمەن.

ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس،

چۈنكى ھەققانىيلىق يولىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن مۇقەددەس ئەمردىن يۈز ئۆرۈگەندىن كۆرە، بۇ يولنى ئەسلىدىنلا بىلمىگىنى ئەۋزەل بولاتتى.

ئۇلار مېھىر-مۇھەببەتنى تەبرىكلەش زىياپەتلىرىڭلارغا ھېچ تارتىنماي سىلەر بىلەن بىللە داخىل بولىدىغان، ئۆزلىرىنىلا باقىدىغان خەتەرلىك خادا تاشلاردۇر. ئۇلار شاماللاردىن ھەيدىلىپ كەلگەن يامغۇرسىز بۇلۇت، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان، كەچ كۈزدىكى مېۋىسىز دەرەخلەر، ئىككى قېتىم ئۆلگەنلەر!.