TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 21:20

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇ بايلىقلارنى يۇتۇۋېتىدۇ، بىراق ئۇلارنى ياندۇرىدۇ؛ خۇدا ئۇلارنى ئاشقازىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ.

مېنى خار قىلغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ماڭا كەڭ داستىخان سالىسەن؛ مېنىڭ بېشىمنى ماي بىلەن مەسىھ قىلىسەن؛ قەدەھىم تاشىدۇ؛

پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس.

خۇدا ھەربىرسىنى بايلىقلارغا، مال-دۇنياغا ئىگە بولۇشقا، شۇنىڭدەك ئۇلاردىن يېيىشكە، ئۆز رىزقىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۆز ئەمگىكىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلغان بولسا ــ مانا بۇلار خۇدانىڭ سوۋغىتىدۇر.

زىياپەت كۈلكە ئۈچۈن تەييارلىنار، شاراب ھاياتنى خۇش قىلار؛ لېكىن پۇل ھەممە ئىشنى ھەل قىلار!

يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلارنى توپلىماڭلار. چۈنكى بۇ يەردە يا كۈيە يەپ كېتىدۇ، يا دات باسىدۇ ياكى ئوغرىلار تام تېشىپ ئوغرىلاپ كېتىدۇ.

پەمسىز قىزلار پەملىك قىزلارغا: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالغىلىۋاتىدۇ، مېيىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ.

دەل ئۇ بار-يوقىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن ۋاقتىدا، ئۇ يۇرتتا قاتتىق ئاچارچىلىق بولۇپ، ئۇ خېلىلا قىسىلچىلىقتا قاپتۇ.

ــ بۇرۇن بىر باي ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ سۆسۈن رەڭلىك تون ۋە كاناپ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەركۈنى ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە تەنتەنە قىلاتتى.