ئى ھۇرۇن، چۆمۈلىنىڭ يېنىغا بېرىپ [ئۇنىڭدىن ئۆگەن]، ئۇنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىغا قاراپ دانا بول.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 21:25
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ھۇرۇن ئۆزى تۇتقان ئوۋنى پىشۇرۇپ يېيەلمەس؛ بىراق ئەتىۋارلىق بايلىقلار تىرىشچانغا مەنسۇپتۇر.
ھۇرۇننىڭ يولى تىكەنلىك قاشادۇر، دۇرۇس ئادەمنىڭ يولى كۆتۈرۈلگەن يولدەك داغدامدۇر.
ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس؛ يىغىم ۋاقتىدا يوقلۇقتا قېلىپ ئاشلىق تىلەر.
مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن ئۆتتىم، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقى يېنىدىن ماڭدىم،
ھۇرۇن ئۆزىنى پەم بىلەن جاۋاب بەرگۈچى يەتتە كىشىدىنمۇ دانا سانار.