TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 21:31

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شامماھ بولسا قىزىل ماشلىق ئوتتۇرىسىدا مەزمۇت تۇرۇپ، ئۇنى قوغداپ فىلىستىيلەرنى قىردى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار [ئىسرائىللارغا] غايەت زور نۇسرەت ئاتا قىلدى.

نىجاتلىق بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر؛ بەرىكىتىڭ ئۆز خەلقىڭدە بولسۇن! سېلاھ!

ئۇلار تىزى پۈكلىنىپ يىقىلدى؛ بىراق بىز بولساق، قەددىمىزنى رۇسلاپ تىك تۇرىمىز.

بىزنىڭ تەڭرىمىز بىردىنبىر نىجاتكار تەڭرىدۇر؛ رەبگە، يەنى پەرۋەردىگارغىلا، ئۆلۈمگە باغلىق ئىشلار تەۋەدۇر.

ئات كۈچىدىن ئۇ زوق ئالمايدۇ؛ ئادەمنىڭ چەبدەس پۇتلىرىنى خۇرسەنلىك دەپ بىلمەيدۇ؛

ــ ياردەم ئىزدەپ مىسىرغا بارغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئاتلارغا تايىنىپ، كۆپ بولغانلىقىدىن جەڭ ھارۋىلىرىغا، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقىدىن ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ئىشىنىپ كەتتى! بىراق ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارىمايدۇ، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدۇ.