TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 25:26

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

قابىل ئىنىسى ھابىلغا: «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى. دالادا شۇ ۋەقە بولدىكى، قابىل ئىنىسى ھابىلغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى.  

خالايىق [زەكەرىيانى] ئۆلتۈرۈشكە قەستلىدى؛ ئاخىر ئۇلار ئۇنى پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.

ئەمدى سىلەرنىڭ ياخشى چىمەنزارنى يېگىنىڭلار ئازلىق قىلىپ، چىمەندىكى قالغان ئوت-چۆپلەرنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن چەيلىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟ سىلەر سۈپسۈزۈك سۇلاردىن ئىچكەندىن كېيىن، قالغىنىنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن لېيىتىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟

ئەمدى پېترۇس ساراينىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىدا ئولتۇراتتى. بىر دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ سەن گالىلىيەلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدىڭغۇ، ــ دېدى.

ئۇلار، يەنى شۇ يەھۇدىيلار، ئەسلىدە رەب ئەيسانى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىزنىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قوغلىۋەتكەنىدى. ئۇلار خۇدانى نارازى قىلىپ، ۋە ھەممە ئىنسان بىلەن قېرىشىپ،