لېكىن ئەمدى سەلتەنىتىڭ مۇستەھكەم تۇرمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىدىكىدەك مۇۋاپىق بىر ئادەمنى ئىزدەپ تاپتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ باشلامچىسى قىلدى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغاننى تۇتمىدىڭ، دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 27:24
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
«ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەبەدىي داۋاملىشار؛ ئۇنىڭ تەختى كۆز ئالدىمدىكى قۇياش كەبى تۇرار؛
[بايلىقلارغا] كۆز تىكىشىڭ بىلەنلا، ئۇلار يوق بولىدۇ؛ پۇل-مال دەرۋەقە ئۆزىگە قانات ياساپ، خۇددى بۈركۈتتەك ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتەر.
ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، شۇ چاغدىن باشلاپ تا ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنى ئادالەت ھەم ھەققانىيلىق بىلەن تىكلەيدۇ، شۇنداقلا مەزمۇت ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇلارنى ئادا قىلىدۇ.
بۇ زاماندا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، تايانغۇسىز ئۆتكۈنچى بايلىققا ئەمەس، بەلكى بىز بەھرىمەن بولۇشقا ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن تولۇپ تاشقان ھالدا تەمىنلىگۈچى خۇداغا تايىنىپ ئۈمىد باغلاشنى تاپىلىغىن؛