TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 28:14

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

لېكىن مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ھەم شۇنداق قىلدى. بۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق بولۇپ، ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى؛

ئەمما مىسىرلىقلار ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتاتتى ــ پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنىڭ كەينىدىن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە كەلدى.

پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار؛ تىترەك ئىچىدە خۇشاللىنىڭلار!

ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار!  

گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا رەشك قىلما، ھەردائىم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشتە تۇرغىن؛

گۇناھكار يۈز قېتىم رەزىللىك قىلىپ، كۈنلىرىنى ئۇزارتسىمۇ، خۇدادىن قورقىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى ئۇلاردىن ياخشى بولىدۇ دەپ بىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا قورقىدۇ.   

مەن ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىشتىن قولۇمنى ئىككىنچى ئۈزمەسلىكىم ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ ئۇلارنىڭ قايتىدىن يېنىمدىن چەتلىمەسلىكى ئۈچۈن مەن قەلبىگە قورقۇنچۇمنى سالىمەن.

توغرا، ئۇلار ئېتىقادسىزلىقتىن سۇندۇرۇلدى؛ سەن بولساڭ، ئېتىقادىڭ بىلەن تىك تۇرىسەن؛ بىراق ئۇنىڭدىن مەغرۇرلانما، ئەكسىچە [خۇدادىن] قورق!

سىلەر دۇئا قىلغىنىڭلاردا كىشىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ يۈز-خاتىرە قىلماي سوراق قىلغۇچىنى «ئاتا» دەپ چاقىرىدىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى [ئۇنىڭ] قورقۇنچىدا ئۆتكۈزۈڭلار.