TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 30:17

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇ ئۇنىڭ شارابىدىن ئىچىپ، مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆز چېدىرى ئىچىدە كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، يالىڭاچ يېتىپ قالدى.

ئەگەر بىرسىنىڭ باشباشتاق ۋە ئىتائەتسىز ئوغلى بولسا، ئۇ نە ئاتىسىنىڭ سۆزىگە، نە ئانىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ھەتتا تاياق-تەربىيىمۇ كار قىلماي، ئۇلارنىڭ گېپىنى يەنىلا ئاڭلىمىسا،

ئۆلۈكلىرىڭلار ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار بىلەن يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ؛ ئۇلارنى ھەيدىۋېتىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.

ئابشالوم داۋۇتنىڭ غۇلاملىرى بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالدى؛ ئابشالوم ئۆز قېچىرىغا مىنىپ، چوڭ دۇب دەرىخىنىڭ قويۇق شاخلىرىنىڭ تېگىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ بېشى دەرەخ شېخىغا كەپلىشىپ قېلىپ، ئۇ ئېسىلىپ قالدى؛ ئۇ مىنگەن قېچىر بولسا ئالدىغا كېتىپ قالدى.

ئاندىن ئاياھنىڭ قىزى رىزپاھ بۆز رەختنى ئېلىپ، قورام ئۈستىگە يېيىپ سالدى. ئۇ ئورما باشلانغاندىن تارتىپ ئاسماندىن يامغۇر چۈشكەن ۋاقىتقىچە، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ كۈندۈزى قۇشلارنىڭ جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە قونۇشىغا، كېچىسى يىرتقۇچلارنىڭ ئۇلارنى دەسسەپ چەيلىشىگە يول قويمىدى.

سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئاناڭ قېرىغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلما.