TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 4:1

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز-نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛

ئەگەر ئەقىل-پاراسەتكە تەشنا بولۇپ ئىلتىجا قىلساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازدا يېلىنساڭ،

شۇڭا ئى بالىلار، ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ چۈنكى يوللىرىمنى چىڭ تۇتقانلار نەقەدەر بەخت تاپار!

نەسىھەتنى ئاڭلىغىن، تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن، ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن.

ۋە يەنە سىلەر بىلگىنىڭلاردەك، ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت بەرگىنىدەك بىز ھەربىرىڭلارغا شۇنداق جېكىلەپ، رىغبەت-تەسەللى بېرىپ، سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرىۋاتقان خۇداغا لايىق ھالدا مېڭىشقا دەۋەت قىلدۇق.