TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 4:5

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

مېنىڭ پۇتلىرىم ئۇنىڭ قەدەملىرىگە چىڭ ئەگەشكەن؛ ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتۇپ، ھېچ چەتنىمىدىم.

تەكەببۇرلار ئەشەددىي ھاقارەتلىگىنى بىلەن، لېكىن تەۋرات-قانۇنۇڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم.

ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟ مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟ ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟!

دانالىققا مۇيەسسەر بولغان كىشى، يورۇقلۇققا ئىگە بولغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!

دانالىق ئېلىش ئالتۇن ئېلىشتىن نەقەدەر ئەۋزەلدۇر؛ يورۇتۇلۇشنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن شۇنچە ئۈستۈندۇر!

كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ يالغۇز يۈرگەن كىشى ھامان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتار؛ ھەرقانداق چىن ھېكمەتكە ھامان جان-جەھلى بىلەن قارشى چىقار.

ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز سېتىۋەتمە. دانالىق، تەربىيە ۋە يورۇتۇلۇشنىمۇ ئال.