بىراق سەن ھازىر ھەربىر دەسسىگەن قەدەملىرىمنى ساناپ، گۇناھىمنى كۆزىتىۋاتىسەنغۇ!
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 5:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ مېنىڭ يوللىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھەربىر قەدەملىرىمنى ساناپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئاسمانلاردىدۇر؛ ئۇ نەزەر سالىدۇ، ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ.
بارلىق يوللىرىم ئالدىڭدا بولغاچ، كۆرسەتمىلىرىڭ ھەم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن.
باسقان قەدەملىرىمنى، ياتقانلىرىمنى ئۆتكەمەڭدىن ئۆتكۈزدۇڭ؛ بارلىق يوللىرىم ساڭا ئاياندۇر.
چۈنكى كۆزلىرىم ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئالدىمدا ھېچ سۇقۇنالمىدى، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكى كۆزلىرىمدىن ھېچ يوشۇرۇلمىدى.
بىرسى يوشۇرۇن جايلاردا مۆكۈۋالسا مەن ئۇنى كۆرەلمەمدىمەن؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئاسمان-زېمىن مەن بىلەن تولدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
ئۇلار كۆڭلىدە مېنىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتقانلىقىمنى ئويلىمايدۇ؛ ھازىر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنى قىستاۋاتىدۇ؛ بۇ ئىشلار كۆز ئالدىمدىدۇر.
ــ تىياتىرادىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان خۇدانىڭ ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: