TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 9:5

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

جاھاندىكى بايلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن يەپ-ئىچىپ، ئىبادەت قىلىدۇ؛ تۇپراققا كىرەي دەپ قالغانلارمۇ، ھەتتا ئۆز جېنىنى ساقلىيالمايدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ؛

«ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ، ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ.

ھوي! بارلىق ئۇسساپ كەتكەنلەر، سۇغا كېلىڭلار! پۇلى يوقلار، كېلىڭلار، ئاش-نان سېتىۋېلىپ يەڭلار؛ مانا كېلىڭلار، نە پۇل نە بەدەل تۆلىمەيلا شاراب ھەم سۈت سېتىۋېلىڭلار؛  

ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: ــ ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، ــ دېدى.  

ئاتا-بوۋىلىرىڭلار چۆللەردە «ماننا» يېگىنى بىلەن يەنىلا ئۆلدى.