TSK

TSK · رۇت 2:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئەساۋ: ــ ماڭا يولدا ئۇچرىغان ئاشۇ توپلىرىڭدا نېمە مەقسىتىڭ بار؟ ــ دېۋىدى، ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ خوجامنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈندۇر، دېدى.

ئۇ ۋاقىتتا ئەساۋ: ــ ئۇنداق بولسا، مەن ئۆزۈم بىلەن كەلگەن كىشىلەردىن بىرنەچچىنى قېشىڭدا قويۇپ كېتەي، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنىڭ نېمە ھاجىتى؟ پەقەت خوجامنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپساملا شۇ كۇپايە، دېدى.

ھەممىگە قادىر تەڭرى ئۆزى سىلەرنى ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرگەي. بۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنىڭ شۇ يەردىكى قېرىندىشىڭلارنى ۋە بىنيامىننى قويۇپ بېرىپ، سىلەرگە قوشۇپ قويارمىكىن؛ ئۆزۈم ناۋادا بالىلىرىمدىن جۇدا بولسام بولاي! ــ دېدى.

ھانناھ: ــ دېدەكلىرى كۆز ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپقاي، دېدى. ئۇ شۇلارنى دەپ چىقىپ، غىزا يېدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چىرايىدا ئىلگىرىكىدەك غەمكىنلىك كۆرۈنمىدى.

پادىشاھ زىباغا: مانا مەفىبوشەتنىڭ ھەممىسى ساڭا تەۋە بولسۇن، دېۋىدى، زىبا: مەن سىلىگە تەزىم قىلىمەن؛ سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپسام، ئى غوجام پادىشاھ، ــ دېدى.

ۋە شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ«سەن مېنى «ئېرىم» دەپ چاقىرىسەن، ئىككىنچى مېنى «بائال»ىم دېمەيسەن.