TSK

TSK · سامۇئىل «1» 9:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قاراپ: ــ سەن مۇشۇ كۈچۈڭگە تايىنىپ، بېرىپ ئىسرائىلنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن! مانا، مەن سېنى ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.

ئۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىگىرمە بەش مىڭ ئادەم ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلار بولۇپ، قىلىچ تۇتقانلار ئىدى.

سامۇئىل مۇنداق دېدى: ــ ئۆز نەزىرىڭدە كىچىك ھېسابلانغان ۋاقتىڭدىلا پەرۋەردىگار سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولسۇن دەپ، مەسىھ قىلىشى بىلەن سەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بېشى بولغان ئەمەسمىدىڭ؟

سائۇلنىڭ غۇلاملىرى بۇ سۆزلەرنى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى. لېكىن داۋۇت: ــ نەزىرىڭلاردا پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بولسام بىر كەمبەغەل ۋە ئەتىۋارسىز ئادەممەن ــ دېدى.

سېنىڭ خۇدايىڭ كۈچۈڭنى بۇيرۇپ بېكىتكەن؛ ئۆزۈڭ بىز ئۈچۈن قىلغىنىڭنى مۇستەھكەملىگەيسەن، ئى خۇدا!

چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنىدۇ ۋە كىمدەكىم ئۆزىنى تۆۋۆن تۇتسا ئۈستۈن قىلىنىدۇ.