TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 21:4

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

قابىل ئىنىسى ھابىلغا: «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى. دالادا شۇ ۋەقە بولدىكى، قابىل ئىنىسى ھابىلغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى.  

شۇنداق قىلىپ خۇدا ئابىمەلەكنىڭ ئۆزىنىڭ يەتمىش ئاكا-ئۇكىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاتىسىغا قىلغان رەزىللىكىنى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇردى؛

بەلكى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، يەھۇدالارنى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى خۇددى ئاھاب جەمەتىدىكىلەر بۇزۇقچىلىقلار قىلغاندەك بۇزۇقچىلىقلارغا پۇتلاشتۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى، يەنى ئۆزۈڭدىن ياخشى بولغان ئىنىلىرىڭنى قەتل قىلغىنىڭ ئۈچۈن،

ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇ خۇدا بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئاھاب جەمەتىنىڭ ئۈستىگە يۈرگۈزگەن ۋاقتىدا، ئۇ يەھۇدادىكى ئەمەلدارلارنى ۋە ئاھازىيانىڭ خىزمىتىدە بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇچرىتىپ، ئۇلارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋەتتى.

ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى.