TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 21:6

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئومرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىدىن بەتتەر بولۇپ يامانلىق قىلدى.

يەھوشافاتنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ، شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى؛ ئۇ ئاھاب بىلەن قۇدىلىشىپ ئىتتىپاقلاشتى.

ئاھازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاتالىيا بولۇپ، ئومرىنىڭ [نەۋرە] قىزى ئىدى.

مەن ئۇلارنى [سوقۇشۇپ] ئەيىبلىدىم، ئۇلارنى قارغىدىم، بىر نەچچىسىنى ئۇرۇپ چاچ-ساقاللىرىنى يۇلدۇم، خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەيسىلەر، ئوغۇللىرىڭلارغىمۇ، ئۆزۈڭلارغىمۇ ئۇلاردىن قىز ئالمايسىلەر!