ئۇلار چەك تاشلاش يولى بىلەن تەڭشەپ نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى. شۇنداق قىلىپ مۇقەددەسخانىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار ۋە خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار ھەم ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىنمۇ ھەم ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىنمۇ بولدى.
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 31:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
پادىشاھ يەنە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى چىڭ ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن، تەقدىم قىلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئۇلارغا بېرىڭلار، دەپ يېرۇسالېمدا تۇرۇشلۇق خەلققە بۇيرۇدى.
ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خەلققە ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارغا قۇربانلىق مېلى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرغۇچىلاردىن ھىلقىيا، زەكەرىيا ۋە يەھىيەلمۇ ئىككى مىڭ ئالتە يۈز قوزا-ئۆچكە بىلەن ئۈچ يۈز بۇقىنى كاھىنلارغا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ھەدىيە قىلىپ تاپشۇردى.