بىراق ئەگرى يوللارغا بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى بولسا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن تەڭ شاللايدۇ. ئىسرائىلغا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي!
TSK
TSK · پېترۇس «2» 2:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ، ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر.
ھەققانىي كىشى ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلغان، رەزىل ئادەملەرنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى بويىچە ئىش قىلغان بولسا، ئۇ ھايات قالامدۇ؟ ئۇنىڭ قىلغان ھەققانىيلىقلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۆتكۈزگەن ئاسىيلىقى، سادىر قىلغان گۇناھ ئىچىدە، ئۇ ئۆلىدۇ.
پەرۋەردىگاردىن تەزگەنلەرنى، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن يول سورىمىغانلارنىمۇ ئۈزۈپ تاشلايمەن.
چۈنكى گەرچە يەھيا [پەيغەمبەر] سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يولۇڭلاردىن پۇشايمان قىلماي ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار.
ئەيسا ئۇلارغا: ــ كور بولغان بولساڭلار، گۇناھىڭلار بولمايتتى؛ لېكىن سىلەر ھازىر «كۆرۈۋاتىمىز» دېگىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھ ھېسابلىنىۋېرىدۇ، ــ دېدى.
بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ھەقىقەتەن پاك-مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭ ئەمرىمۇ مۇقەددەس، توغرا-ئادالەتلىك ۋە ياخشىدۇر.
چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا.