TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇ بابىلدىن چىقىشقا تەييارلاندى؛ خۇدانىڭ شەپقەتلىك قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا، ئۇ بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى.

ۋە يەنە پادىشاھلىق ئورمانلىقىغا قارايدىغان ئاسافقا مۇقەددەس ئۆيگە تەۋە بولغان قەلئەنىڭ دەرۋازىلىرى، شۇنىڭدەك شەھەرنىڭ سېپىلى ۋە ئۆزۈم تۇرىدىغان ئۆيگە كېتىدىغان لىملارنى ياساشقا كېرەكلىك ياغاچلارنى ماڭا بېرىش توغرۇلۇقمۇ بىر يارلىقنى پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا، دېدىم. خۇدايىمنىڭ شەپقەتلىك قولى ئۈستۈمدە بولغاچقا، پادىشاھ ئىلتىپات قىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا بەردى.

بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟  

بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ: «بۇ بالا زادى قانداق ئادەم بولار؟» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى دەرۋەقە ئۇنىڭغا يار ئىدى.

لېكىن جار قىلىنغان سۆز-كالامنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ئېتىقاد قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى.

ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق تارقالدى؛ يېرۇسالېمدىكى مۇخلىسلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. نۇرغۇن كاھىنلارمۇ [مەسىھ] ئېتىقادىغا ئىتائەت قىلىشقا كىرىشىۋاتاتتى.  

چۈنكى ئۇ مۇقەددەس روھقا ۋە ئىمان-ئىشەنچكە تولدۇرۇلغان بولۇپ، ياخشى بىر ئادەم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن زور بىر توپ ئادەملەر رەبگە قوشۇلدى.

چۈنكى خۇش خەۋىرىمىز سىلەرگە يەتكۈزۈلگىنىدە سۆزلەر بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەت بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، مۇتلەق جەزملەشتۈرۈلگەن ھالدا سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرنى دەپ ئۆزىمىزنى قانداق تۇتقانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر.