چۈنكى مەن ئۇنى بىلىپ تاللىغانمەن؛ ئۇ چوقۇم ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىم توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، ــ دېدى.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:10
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مانا ھەممىگە ئوخشاشلا بۇ ئىشنىڭ كېلىدىغانلىقى قۇياش ئاستىدىكى ئىشلار ئارىسىدا كۈلپەتلىك ئىشتۇر؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى يامانلىققا تولغان، پۈتۈن ھاياتىدا كۆڭلىدە تەلۋىلىك تۇرىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار ئۆلگەنلەرگە قوشۇلىدۇ.
كىم دانا بولۇپ، بۇ ئىشلارنى چۈشىنەر؟ چېچەن بولۇپ، بۇلارنى بىلەر؟ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرى دۇرۇستۇر، ھەققانىيلار ئۇلاردا ماڭىدۇ؛ بىراق ئىتائەتسىزلەر ئۇلاردا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.
ئېتىزلىق بولسا ــ دۇنيا. ياخشى ئۇرۇق بولسا [ئەرش] پادىشاھلىقىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر، لېكىن كۈرمەك رەزىل بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.
بىراق ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلارغا تاقاپ كېلىۋاتىسىلەر! يا ئۆزۈڭلار كىرمەيسىلەر، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمايسىلەر.
لېكىن رەب ئۇنىڭغا: ــ ئەمدى سىلەر ئەي پەرىسىيلەر، چىنە-قاچىلارنىڭ تېشىنىلا يۇيۇپ پاكىزلىغىنىڭلار بىلەن ئىچىڭلار ھەرتۈرلۈك ھېرىسلىك ۋە رەزىللىككە تولغاندۇر.
يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقاندەك، چۆلدە «رەبنىڭ يولىنى تۈز قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان ئاۋازدۇرمەن!
لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ خۇدانىڭ بۇ ئىلتىپاتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغىنىڭ ئۈچۈن، پۇلۇڭ سەن بىلەن تەڭ ھالاكەتكە بارسۇن!
ھەمدە ھەتتا ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر مۇخلىسلارنى ئۆزلىرىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان تۈرلۈك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچقانداق باشقا «خۇش خەۋەر» ئەمەستۇر! ــ پەقەتلا بەزى كىشىلەر سىلەرنى قايماقتۇرۇپ، مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى بۇرمىلىماقچى بولغان، خالاس.
لېكىن گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئىبلىستىندۇر. چۈنكى ئىبلىس ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ دۇنيادا ئايان قىلىنىشىدىكى مەقسەت ئىبلىسنىڭ ئەمەللىرىنى يوقىتىشتۇر.