شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار ئادەم ئولتۇراقلاشقان بىر زېمىنغا يېتىپ كەلگۈچە قىرىق يىل «ماننا» يېدى؛ ئۇلار قانائان زېمىنىنىڭ چېگرالىرىغا يەتكۈچە ماننا يېدى.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:18
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بۇزۇقلۇق-ۋاپاسىزلىقىڭلارنىڭ ئەلىمىنى تارتىپ، ئۆلۈكۈڭلار چۆلدە يوقالغۇچە، بۇ چۆلدە قىرىق يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ.
ئەمدى سېنىڭ چۆل-باياۋاندا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قانداق غەزەپلەندۈرگەنلىكىڭنى ئېسىڭدە تۇتقىن ــ ئۇنى ئۇنتۇما. سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈندىن بېرى تاكى بۇ يەرگە كەلگۈچە پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭ.
لېكىن ئۇلار، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەغرۇلىنىپ، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى.
ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار!
شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن [تولۇق] چىقىرىپ، چۆل-باياۋانغا ئاپاردىم.
ئەنە شۇ مۇسا خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى [مىسىردىن] چىقاردى ھەمدە مىسىر زېمىنىدا، قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن چۆلدە كارامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى.
چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇلۇت ئاستىدا يۈرگەنلىكىدىن ۋە ھەممىسىنىڭ دېڭىزدىن ئۆتۈپ ماڭغانلىقىدىن خەۋەرسىز يۈرۈشۈڭلارنى خالىمايمەن؛
(ئەمدى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنى غەزەپلەندۈرگەنلەر كىملەر ئىدى؟ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىسىردىن [قۇتۇلۇپ] چىققان ئاشۇ [ئىسرائىللارنىڭ] ھەممىسى ئەمەسمۇ؟