TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:19

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

مەن ساڭا ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بۇ زېمىننى، يەنى پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئەبەدىي بىر مۈلۈك سۈپىتىدە ئاتا قىلىمەن؛ ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ــ دېدى.

پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھازىر ئىگىلەشكە كېتىۋاتقان زېمىنغا باشلاپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئالدىڭدىن كۆپ يات ئەل-مىللەتلەرنى، يەنى ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ــ سەندىن كۈچلۈك ئەل-مىللەتلەرنى ھەيدىۋېتىدۇ.

ئاندىن يەشۇئا شىلوھدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلىدى ۋە شۇ يەردە قەبىلە-جەمەتى بويىچە زېمىننى ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلىپ بەردى.

مانا، مەن ئۆزۈم يوقاتقان ھەممە ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى بىلەن قالغان بۇ تائىپىلەرنىڭ زېمىنلىرىنى قوشۇپ قەبىلە-جەمەتىڭلار بويىچە چەك تاشلاپ ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ كۈن پېتىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ دېڭىزغىچە، سىلەرگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بەردىم.

ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كىرىپ ئۇ زېمىننى ئىگىلىدى؛ سەن ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقان قانائان ئاھالىسىنى ئۇلارغا بېقىندۇردۇڭ ھەم زېمىندىكى پادىشاھلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەبىلە-قوۋملىرىنى: «سىلەر ئۇلارغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ.

ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، قانائاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇۋەتتى.

شۇ ئىبادەت چېدىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرىدىكىلەردىنمۇ ئىگىدارچىلىقىغا تاپۇشۇپ، يەشۇئانىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا قوغلىغان ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالغىنىدا، ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن؛ ئۇ شۇنداقلا [پادىشاھ] داۋۇتنىڭ زامانىغىچە تۇرغان.