TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15:39

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

مەن ھەممە مۇكەممەللىكنىڭ چېكى بار دەپ بىلىپ يەتتىم؛ بىراق سېنىڭ ئەمر-كالامىڭ چەكسىز كەڭدۇر!

ئۇلارنىڭ ئىچىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىرسى بار ئىدى (روسۇللار ئۇنى بارناباس، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى ئوغۇل بالا» دەپ ئاتىغان)؛

لېكىن ئۇلاردىن سىپرۇس ئارىلى ۋە كۇرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزىلەر ئانتاكيا شەھىرىگە بارغاندا، رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى.

بۇ ئىش توغرىسىدا چوڭ ماجىرا چىققان بولۇپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئىككىيلەن شۇ كىشىلەر بىلەن كەسكىن مۇنازىرە قىلىشقاندىن كېيىن، [قېرىنداشلار] پاۋلۇسنى، بارناباسنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچەيلەننى بۇ مەسىلە توغرىسىدا روسۇللار ۋە ئاقساقاللار بىلەن كۆرۈشۈشكە يېرۇسالېمغا بارسۇن دەپ بېكىتگەن.

ئىچىمدە، يەنى مېنىڭ ئەتلىرىمدە ھېچ ياخشىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىمەن؛ چۈنكى ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئۇنى قىلالمايمەن.

چۈنكى ھەممىمىز كۆپ ئىشلاردا خاتالىشىپ پۇتلىشىمىز. [ھالبۇكى]، ئەگەر بىرسى تىلدا خاتالاشمىسا، ئۇ كامالەتكە يەتكەن، پۈتكۈل تېنىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم بولىدۇ.