پەرۋەردىگار سىلەرگە قوشلاپ بېرىدۇ، سىلەرگە ھەم پەرزەنتلىرىڭلارغا؛
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:39
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
سېنىڭ بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ؛ بالىلىرىڭنىڭ ئارام-خاتىرجەملىكى زور بولىدۇ!
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غەربتە پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، كۈنچىقىشتا ئۇنىڭ شان-شەرىپىدىن قورقىدۇ؛ دۈشمەن كەلكۈندەك بېسىپ كىرگىنىدە، ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا قارشى بىر تۇغنى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ؛
ئۇلار مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تۇرۇپ كەلگەن زېمىندا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭدا تۇرىدۇ ــ ئۇلار، ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ۋە بالىلارنىڭ بالىلىرى مەڭگۈ تۇرىدۇ ــ مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارنىڭ شاھزادىسى بولىدۇ.
ھەم شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار دېگىنىدەك، زىئون تېغىدا ھەم يېرۇسالېمدا، ھەمدە پەرۋەردىگار چاقىرماقچى بولغان «قالدىسى»لار ئۈچۈن قۇتقۇزۇش-نىجات بولىدۇ.
پېترۇس بىلەن بىللە كەلگەن خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ھەربىرى مۇقەددەس روھنىڭ يات ئەللەردىكىلەرگىمۇ ئاتا قىلىنىپ تۆكۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى.
قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار جامائەتنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئەللەركەئېتىقادنىڭ بىر ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى خۇدا مۇقەددەس روھنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلدى.
ئالدىن بېكىتكەن كىشىلەرنى ئۇ چاقىردى، چاقىرغان كىشىلەرنى ئۇ ھەققانىي قىلدى؛ ھەققانىي قىلغانلارغا ئۇ شان-شەرەپ ئاتا قىلدى.
چۈنكى خۇدا ئۆزى بەرگەنلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قەلبتىكى كۆزلىرىڭلار روشەنلىشىپ، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىدنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكىنى
ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ سىر ئىنسان بالىلىرىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك، ئايان قىلىنغان ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سىلەر ئۈچۈن دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان بىزنىڭ خۇدايىمىز سىلەرنى ئۆز [ئۇلۇغ] چاقىرىقىغا لايىق ھېسابلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلگەن بارلىق گۈزەل مەقسەت-مۇددىئالىرىڭلارنى ۋە ئېتىقادىڭلاردىن چىققان بارلىق خىزمەتلىرىڭلارنى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغاي.
خۇدا بىزنى ئۆز ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇددىئاسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇپ، پاك-مۇقەددەس چاقىرىقى بىلەن چاقىردى؛ ئۇنىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا مەسىھ ئەيسادا بىزگە بېغىشلانغاندۇر؛
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن (ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن) خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ.
بۇ [دۇئايىمنىڭ] ئاساسى ــ بىز بىزنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنى چوڭقۇر تونۇغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىلاھىي كۈچ-قۇدرىتى ھاياتىمىزغا ۋە ئىخلاسمەنلىكتە مېڭىشىمىزغا كېرەكلىك بولغان ھەممىنى ئاتا قىلدى.
دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغانلار بولسا چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر».