TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:8

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

قېرىنداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى.

ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، رەب بىزنى جەزمەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا خۇش خەۋەر جاكارلاشقا چاقىرغان، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، دەرھال ماكېدونىيەگە بېرىشقا تەييارلاندۇق.

بىر كۈنى بىز شۇ دۇئا قىلىدىغان جايغا كېتىپ بارغىنىمىزدا، بىر دېدەك بىزگە يولۇقتى؛ بۇ قىزغا پال سالغۇچى بىر جىن چاپلىشىۋالغانىدى؛ دېدەك خوجايىنلىرىغا پال سېلىش يولى بىلەن نۇرغۇن پايدا تېپىپ بەرگەنىدى.   

بىز بولساق «پېتىر نان ھېيتى» كۈنلىرىدىن كېيىن، فىلىپپى شەھىرىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، بەش كۈندىن كېيىن تروئاسقا كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە ئۇ يەردە يەتتە كۈن تۇردۇق.

مىڭبېشى يۈزبېشىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ: ــ ئىككى يۈز پىيادە لەشكەر، يەتمىش ئاتلىق لەشكەر ۋە ئىككى يۈز نەيزىۋاز لەشكەرنى بۈگۈن كېچە سائەت توققۇزدا قەيسەرىيە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىشقا ھازىرلاڭلار!

مالتا ئارىلىدا ئىسكەندەرىيەدىن كەلگەن، بېشىغا «ساماۋىي قوشكېزەك» ئىلاھلىرىنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە قىشلىغانىدى. ئارالدا ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كېيىن، بىز بۇ كېمە بىلەن يولغا چىقتۇق.

شۇڭا، بەزىلەرنى روسۇللار، بەزىلەرنى پەيغەمبەرلەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەرچىلەر، بەزىلەرنى باققۇچى ۋە ياكى تەلىم بەرگۈچىلەر قىلىپ تەيىنلىگەن دەل ئۆزىدۇر.