TSK

TSK · ئاموس 2:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

دانلىرىڭنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئەكىلىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرامسەن؟ «[دانلىرىمنى] خامىنىمغا يىغىشتۇرىدۇ» دەپ ئۇنىڭغا ئىشەنەمسەن؟

«يېڭى ئاي» ھېيتىڭلاردىن، بېكىتىلگەن ھېيت-بايرىمىڭلاردىن قەلبىم نەپرەتلىنىدۇ؛ ئۇلار ماڭا يۈك بولۇپ قالدى؛ ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن چارچاپ كەتتىم.

سەن پۇلنى خەجلەپ ماڭا ھېچ ئېگىر ئېلىپ كەلمىگەنسەن، سەن «ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭنىڭ يېغى بىلەن مېنى رازى قىلىپ قانائەتلەندۈرگەن ئەمەسسەن؛ ئەكسىچە سەن گۇناھلىرىڭ بىلەن مېنى قۇللۇققا قويماقچى بولغانسەن، ئىتائەتسىزلىكىڭ بىلەن مېنى ھارسىندۇردۇڭ.

سەن ياشلىق كۈنلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ، ئەكسىچە مۇشۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ؛ شۇڭا مانا، ئۆز يولۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئىككىنچى قىلمايسەن.