TSK

TSK · ئاموس 5:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

مەن شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، مۇقەددەس جايلىرىڭلارنى خاراب قىلىپ، [قۇربانلىقىڭلارنىڭ] خۇشبۇيلىرىنى يەنە پۇرىمايمەن؛

يامان ئادەمنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ رەزىل غەرەزدە ئەپكېلىنگەن بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر!

سىلەر زادى نېمە دەپ ماڭا ئاتاپ نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى سۇنىسىلەر؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ «مەن كۆيدۈرمە قوچقار قۇربانلىقىڭلاردىن، بورداق مالنىڭ ياغلىرىدىن تويۇپ كەتتىم، بۇقىلار، پاقلانلار، تېكىلەرنىڭ قانلىرىدىن ھېچ خۇرسەن ئەمەسمەن.  

كالا سويغان كىشى ئادەمنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ، قوزىنى قۇربانلىق قىلغان كىشى ئىتنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ؛ ماڭا ھەدىيە تۇتقۇچى چوشقا قېنىنىمۇ تۇتۇپ بەرمەكچىدۇر؛ دۇئاسىنى ئەسلىتىشكە خۇشبۇي ياققۇچى مەبۇدقىمۇ مەدھىيە ئوقۇيدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان يوللىرىنى تاللىغان، كۆڭلى يىرگىنچلىك نەرسىلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ.

ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بېرىۋېرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى باشقا قۇربانلىقلارغا قوشۇپ قويۇڭلار، بارلىق گۆشلىرىنى يەۋېلىڭلار!   

بىراق ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلارغا تاقاپ كېلىۋاتىسىلەر! يا ئۆزۈڭلار كىرمەيسىلەر، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمايسىلەر.

لېكىن مەندە ھەممە نەرسە بار، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەك بار؛ سىلەر ئەۋەتكەنلىرىڭلارنى ئېپافرودىتتىن تاپشۇرۇۋېلىپ تېرەمگە سىغماي قالدىم ۋە مولچىلىققا چۆمدۇم. بۇ ئەۋەتكىنىڭلار ئىنتايىن خۇشبۇي، خۇداغا قوبۇل بولغۇدەك، شۇنداقلا ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر قۇربانلىقتەك ئىدى.