TSK

TSK · دانىيال 1:20

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ھالبۇكى، ئاتاڭلار مېنى ئەخمەق قىلىپ، ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمىدى.

ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋن دانىشمەنلىرى ۋە سېھرىگەرلىرىنى چاقىرتىپ كەلدى؛ مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇسى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلدى.

لېكىن جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلىپ، مىسىر زېمىنى ئۈستىگە پاقىلارنى پەيدا قىلدى.

ھالبۇكى، مېنىڭ جۇلايىمنى، مىسىردا ۋە چۆل-جەزىرىدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى مۇشۇنداق ئون قېتىملاپ سىناپ يەنە ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغانلار،

شېبانىڭ ئايال پادىشاھى بولسا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان داڭق-شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن چىگىش-سوئاللار بىلەن سىنىغىلى كەلدى.

ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدالارمۇ يېنىمىزغا ئون قېتىم كېلىپ: ــ قايسى تەرەپكە قارىساڭلار، ئۇلار شۇ تەرەپتىن كېلىپ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى! ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزۈشتى.

بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كۆپ يورۇتۇلغانمەن، چۈنكى ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭ سېغىنىشىمدۇر.

ئەمدى قېنى، ياشلىقىڭدىن تارتىپ ئۆزۈڭنى ئۇپرىتىپ كەلگەن ئەپسۇنلىرىڭنى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭنى ھازىر ئوقۇپ تۇرىۋەر؛ كىم بىلسۇن، سەن ئۇلاردىن پايدا كۆرۈپ قالامسەن؟ بىرەر نېمىنى تەۋرىتىپ قويالارسەن ھەرقاچان؟!

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. شۇڭا [خىزمەتكارلىرى] دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىدى.

دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ شۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى سورىغان بۇ سىرنى دانىشمەن، پىر-ئۇستاز، رەمچى-پالچى ۋە مۇنەججىملار ئۆزلىرىگە يېشىپ بېرەلمەيدۇ.

پادىشاھ قاتتىق ۋارقىراپ، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنى چاقىرىشنى بۇيرۇدى. بابىلدىكى دانىشمەنلەر كەلگەن ھامان پادىشاھ ئۇلارغا: ــ كىمكى تامدىكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيگۈزۈلۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىپ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى مەرتىۋە بېرىلىدۇ، ــ دېدى.

ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ [ئازدۇرغۇچىلارمۇ] ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. ئۇلار زېھىن-كۆڭۈللىرى چىرىگەن، ئېتىقاد جەھەتتە داشقال دەپ ئىسپاتلانغان كىشىلەردۇر.